UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىۋۇۋېي

ۋۇۋېي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر ۋۇۋېي گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لياڭجۇ دەپ ئاتالغان. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى ئالدىنقى لياڭ، كېيىنكى لياڭ، جەنۇبىي لياڭ، شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقلىرى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دالياڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى پايتەخت قىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. قەدىمكى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم جاي، «يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ» بولغان، بىر مەزگىل شىمالنىڭ بۇددا دىنى مەركىزى بولغان. داڭلىق لياڭجۇ نەزمىسى، ئەلنەغمىسى، لياڭجۇ غەربىي لياڭ مۇزىكىسى، ئايال چالغۇچىلار بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن خۇاڭنياڭنياڭ (خانىش) راۋىقى، يېڭى تاش قوراللار مەدەنىيىتى خارابىسى، تاڭ سۇلالىسىدىكى دايۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ مىس قوڭغۇرىقى، خەيساڭ ئىبادەتخانىسى، لوشې مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، قوڭغۇراق مۇنارى، لېيتەي راۋىقى ۋە ئابىدىسى قاتارلىقلار بار. لېيتەيدىكى خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىدىن چىققان مىستىن ياسالغان چېپىپ كېتىۋاتقان ئات ھەيكىلى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئاسارئەتىقە بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
ۋۇۋېي | UyghurWiki | UyghurWiki