بېيجىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
بېيجىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختى. جۇڭگونىڭ ئىككى كاتتا مەدەنىيلىك سىمۋولى −10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ۋە بېيجىڭ - خاڭجۇ قانىلى بېيجىڭ بىلەن باغلانغان، بۇنىڭدىن500 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا، «بېيجىڭ ئادىمى» بۇ رايوندا ياشىغان. غەربىي جۇ ۋە ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدىكى يەن بەگلىكى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، جى دەپ ئاتىغان. بۇ يەرنى جىن، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىمۇ پايتەخت قىلغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىمۇ بېيجىڭ پايتەخت قىلىنغان. بېيجىڭدا نۇرغۇن ئىنقىلابىي ۋە تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر بار، داڭلىقلىرىدىن لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى، تيەنئەنمېن، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، گۇگۇڭ (خان ئوردىسى)، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى، مۇتيەنيۇ سەددىچىن سېپىلى، تيەنتەن، بېيخەي ۋە تۇەنچىڭ، يىخېيۈەن باغچىسى، جۇكۇديەن جۇڭگو مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىلىكى، شىسەنلىڭ قاتارلىقلار بار.