لىنزى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
لىنزى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى11 - ئەسىردە جياڭ تەيگۇڭ چىدىدا چى دۆلىتىنى قۇرۇپ، يىڭچيۇنى ئاستانە قىلغان، كېيىن نامى لىنزىغا ئۆزگەرتىلگەن. غەربىي جۇ سۇلالىسى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدە چى بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغان؛ غەربىي جىن سۇلالىسىدىن كېيىن ناھىيە، ۋىلايەت، ئايماق مەركىزى بولغان. چى بەگلىكى قەدىمىي شەھىرى، تيەن چىۋاڭ قەبرىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. يەنە لىنزى قەبرىلەر توپى، تۇڭلىن تيەنۋاڭ خارابىسى قاتارلىق قەدىمىي خارابىلىق، قەدىمىي قەبرىلەر بار.