UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىداتۇڭ

داتۇڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر داتۇڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى يىنشەن تېغىغا، جەنۇب تەرىپى تەيخاڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ، ساڭگەن دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر ۋە مۇھىم ھەربىي ئىشلار بازىسى بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى200 - يىلى خەن سۇلالىسى پادىشاھى ليۇ باڭ لەشكەر باشلاپ بېسىپ كىرگەن ھونلارغا ئۇدۇلدىن زەربە بەرگەندە، قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان پىڭچېڭدىكى بەيدىڭشەن تېغى دەل مۇشۇ يەردە. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە بۇ يەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ100 يىلغا يېقىن پايتەخت قىلىنغان. لياۋ، جىن سۇلالىلىرىمۇ بۇ يەرنى قوشۇمچە پايتەخت قىلغان ھەمدە شىجىڭ، دەپ ئاتىغان. كېيىن يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى بويىدىكى توققۇز مۇھىم بازارنىڭ بىرى بولغان داتۇڭ بازىرى باش بۇغ تۇرۇشلۇق ئورۇن بولغان. ئاساسلىق تارىخىي ئاسارئەتىقىلەردىن: يۈنگاڭ تاش غارى، شاڭخۇايەن ئىبادەتخانىسى، شياخۇايەن ئىبادەتخانىسى، شەنخۇا ئىبادەتخانىسى، توققۇز ئەجدىھا تېمى قاتارلىقلار بار. يۈنگاڭ تاش غارى داتۇڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەخمىنەن16 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، قېزىلغىنىدىن تا ھازىرغىچە1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاش غار توپىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق سەنئەت خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر53 غار بار، ئۇلارنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان تۇتاش ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرچە كېلىدۇ، غار ئىچىدە30 مىڭدىن ئارتۇق تاش بۇت بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
داتۇڭ | UyghurWiki | UyghurWiki