زۇنيى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمال تەرەپتە لۇشەن تېغىغا، جەنۇب تەرەپتە ۋۇجياڭ دەرياسىغا يانداش، گۇيجۇدىن سىچۇەنگە كىرىش ئېغىزى. ئەزەلدىن شىمالىي گۇيجۇدىكى ھەربىي ئىشلار بويىچە مۇھىم جاي، يەنە يېقىنقى زامان ئىنقىلابىدىكى مۇقەددەس جاي.1935 - يىل1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ يەردە سىياسىي بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىش ئورنىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە.1949 - يىلى زۇنيى شەھىرى تەسىس قىلىنغان. مۇھىم ئىنقىلابىي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان ئورۇن، ماۋ زېدۇڭ، جاڭ ۋېنتيەن، ۋاڭ جياشياڭ قاتارلىقلارنىڭ كونا تۇرالغۇسى، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، لۇشەنگۇەن ۋە تاۋشى ئىبادەتخانىسى، خۇگو ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.