چېڭدۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چېڭدۇ چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ «باياشات ماكان» دېگەن نامى بار. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى400 - يىللىرى شۇ بېگى كەيمىڭ Ⅸ پايتەختنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، «بىر يىلدا شەھەرگە ئايلاندۇرۇش، ئۈچ يىلدا پايتەختكە ئايلاندۇرۇش» قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامىنى چېڭدۇ دەپ بېكىتكەن. بەش دەۋردىكى كېيىنكى شۇ بېگى مېڭ چاڭ شەھەر سېپىلى ئۈستىگە نېلۇپەر تېرىغان، شۇڭا چېڭدۇنىڭ يەنە فۇرۇڭ (نېلۇپەر) شەھىرى دېگەن نامىمۇ بار بولۇپ، قىسقارتىلىپ «رۇڭچېڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى شۇخەن،16 پادىشاھلىق دەۋرىدىكى چىڭخەن، بەش دەۋردىكى ئالدىنقى شۇ، كېيىنكى شۇ سۇلالىلىرىنىڭ پايتەختى بولغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى لى شۈننىڭ داشۇ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى جاڭ شيەنجۇڭنىڭ داشى پادىشاھلىقى قاتارلىقلارمۇ بۇ يەرنى پايتەخت قىلغان. بۇ يەر تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن، شائىر دۇفۇ، لۇ يۇلار بۇ يەردە ئۇزاق مەزگىل تۇرغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپ، ئاساسلىقلىرى: ۋۇخۇ ئىبادەتخانىسى، دۇفۇنىڭ كەپىسى، ئالدىنقى شۇ پادىشاھىنىڭ قەبرىستانلىقى بار. بۇلاردىن باشقا، داسى ئىبادەتخانىسى، جاۋجۆ ئىبادەتخانىسى، ۋاڭجياڭ راۋىقى، چىڭياڭ قەسىرى قاتارلىقلار.