چيۇڭشەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چيۇڭشەن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىگىچە بولغان مەزگىلدە چيۇڭجۇ ۋىلايىتى مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. ۋۇگۇڭ ئىبادەتخانىسى، چيۇڭجۇ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى داچىڭ زالى، چيۇڭتەي بىلىم يۇرتى، چيۇ جۈننىڭ كونا تۇرالغۇسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. فېڭ بەيجۈنىڭ تۇرالغۇسى قاتارلىق يېقىنقى زامان ئىنقىلابىي تارىخىي يادىكارلىقلىرى بار.