نەنجىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
نەنجىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي بولۇپ، شىمال تەرىپى چاڭجياڭ دەرياسىغا تاقىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى چىنخۇەيگە تۇتىشىدۇ، قەدىمدە «جۇڭشەن ئەجدىھادەك تولغىنىپ ياتار، تاش شەھەر يولۋاس قىياپەت تۇرار» دەپ تەرىپلەنگەن. مىلادىيە229 - يىلى (ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى شەرقىي ۋۇ دۆلىتى پادىشاھى خۇاڭۋۇنىڭ8 - يىلى) شەرقىي ۋۇ دۆلىتى ئالدى بىلەن بۇ يەرنى جيەنيې دېگەن نامدا پايتەخت قىلغان. شەرقىي جىن ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەردىن سۇڭ، چى، لياڭ، چېنلارمۇ جيەنكاڭ دېگەن نامدا نەنجىڭنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، بۇرۇندىنلا «ئالتە سۇلالىنىڭ پايتەختى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بەش دەۋردىكى جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى تەيپىڭ تيەنگو مەزگىللىرىدىمۇ بۇ يەر پايتەخت قىلىنغان. جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى مەزگىلىدە جىنلىڭ، مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە نەنجىڭ، تەيپىڭ تيەنگو مەزگىلىدە تيەنجىڭ دەپ ئاتالغان.1927 - يىل4 - ئايدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى نەنجىڭنى پايتەخت قىلغان. بۇ يەردە بار بولغان ئاساسلىق ئاسارئەتىقە، قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن: جۇڭشەن قەبرىستانلىقى، تەيپىڭ تيەنگو ئوردىسىنىڭ خارابىسى، مېييۈەن يېڭى كەنتى، سۇن جۇڭشەن ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭنىڭ ئىشخانىسى، يۈيخۇاتەي، مىڭشاۋ قەبرىستانلىقى، مىڭ سۇلالىسى خان ئوردىسى خارابىسى، تاش شەھەر قاتارلىقلار بار.