لخاسا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
لخاسا شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى − لخسا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. يىل بويى تۇمان بولمايدۇ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك. شۇڭا، «ئاپتاپلىق شەھەر» دەپ ئاتىلىدۇ. لخاسا قەدىمدە چاڭ، رۇڭلارنىڭ زېمىنى ئىدى. مىلادىيە7 - ئەسىردە تۈبۈت خانلىقىنىڭ زانپۇسى سۇڭزەن گەنبۇ بۇ يەردە پايتەخت قۇرغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسى ۋېنچېڭ مىلادىيە641 - يىلى (جېنگۇەننىڭ15 - يىلى) سۇڭزەن گەنبۇ بىلەن توي قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تۈبۈتكە تارقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىن لخاسا ئىزچىل شۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلدى. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: بۇتالا ئوردىسى، داجاۋ ئىبادەتخانىسى، جېفېڭ ئىبادەتخانىسى ۋە سېلا ئىبادەتخانىسى بار. بۇلاردىن باشقا، نۇمبۇ لىنكا، شياۋجاۋ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.