UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىگۇاڭجۇ

گۇاڭجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر گۇاڭجۇ چىن سۇلالىسى نەنخەي ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان جاي، فەنيۈ دەپ ئاتالغان. بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە جەنۇبىي خەن پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قىلىنغان. قەدىمدىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ تاشقى قاتناش ۋە سودىسىدىكى مۇھىم پورتى بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ «جەنۇبىي دەرۋازىسى» دېگەن نامى بار. تارىختا يەنە «ياڭچېڭ»، «خۇيچېڭ» دېگەن نامى بار. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پادىشاھ جۇيى زامانىدا جەنۇبىي دېڭىزدا بەش ئەۋلىيا بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ھەر خىل رەڭلىك ئۆچكىلەرنى مىنىپ چۇ ئوردىسىغا يىغىلغان، ھەرقايسىسى پۇقرالارغا بىر تالدىن ئالتە باشاقلىق شالنى تەقدىم قىلىپ، مەڭگۈ ئاچارچىلىق بولماسلىقىنى تىلىگەن ئىمىش. ئارقىدىن، ئەۋلىيالار كۆتۈرۈلۈپ كۆككە چىقىپ كېتىپتۇدەك، قالدۇرۇپ قويغان بەش ئىلاھىي ئۆچكە تاشقا ئايلىنىپ قاپتۇدەك.100 نەچچە يىلدىن بۇيان، گۇاڭجۇ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن قەھرىمان شەھەر بولۇپ كەلدى،1840 - يىلىدىكى سەنيۈەنلى خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ تۇنجى توپ ئوقىنى ئاتتى. ئارقىدىن، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، سۇن جۇڭشەن قاتارلىق ئىنقىلابچىلار گۇاڭجۇنى بازا قىلىپ، كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى؛ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى1924 - يىلى بۇ يەردە1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، «روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى رەسمىي قارار قىلىپ، تۇنجى قېتىم گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى؛1927 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلدى. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: گۇاڭشاۋ ئىبادەتخانىسى، نەنخەي ئىلاھ ئىبادەتخانىسى، ليۇرۇڭ ئىبادەتخانىسى، خۇەيشېن ئىبادەتخانىسى، جېنخەي راۋىقى، پىڭيىڭتۇەننىڭ سەنيۈەنلىدىكى ئورنى، خۇاڭخۇاگاڭدىكى72 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەبرىستانلىقى، گۇاڭجۇ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسى، سۇن جۇڭشەن خاتىرە سارىيى، گۇاڭجۇ كوممۇنىسىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى