چۇجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چۇجۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن باشلاپ ناھىيە بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايماق، ۋىلايەت مەھكىمىسى شۇ يەرگە جايلاشقان. ساقلىنىپ قالغان شەھەر سېپىلى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، سېپىل قوۋۇقى، سېپىل راۋىقى ۋە قوڭغۇراق راۋىقى بار. چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە قايتىدىن سېلىنغان كۇڭ جەمەتى ئىبادەتخانىسى مەملىكەت بويىچە ئىككى كۇڭ جەمەتى ئىبادەتخانىسىنىڭ بىرى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇداۋزى سىزغان «ئەۋلىيانىڭ تەۋەررۈك رەسىمى»، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «كۇڭ جەمەتى ئىبادەتخانىسىنىڭ رەسىمى» ئابىدىسى قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بار.