يۈيلىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
يۈيلىن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمال تەرىپى، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېنىغا جايلاشقان داڭلىق قۇملۇق شەھەر. قەدىمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ۋە موڭغۇل - خەنزۇ خەلقلىرى سودا ئالاقە قىلىدىغان جاي بولغان. قەدىمىي شەھەر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان، شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى ساقلىنىپ قالغان، شەھەر ئىچىدە قەدىمي قۇرۇلۇشلار بەك كۆپ بولۇپ، شىنمىڭ راۋىقى، ۋەنفۇ راۋىقى، دەيشىڭ ئىبادەتخانىسى، گۇەن يۆ ئىبادەتخانىسى ۋە خاتىرە راۋىقى قاتارلىقلار بار. شەھەرنىڭ شىمالىدا قەدىمكى سېپىل، جېنبېي شىپاڭى، يىماچېڭ، قىزىل تاش جىلغىسى شۇڭشەن بۇتخانىسى، شۇنداقلا لىنشياۋ مۇنارى، چىڭيۈن ئىبادەتخانىسى، يۇڭجى كۆۋرۈكى قاتارلىقلار بار. يۈيلىننىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي تاپقان، خەلق مۇزىكىسى «يۈيلىن كۈيى» كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.