ۋېيشەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
ۋېيشەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ناھىيە قىلىپ قۇرۇلۇپ، شيېلۇڭ ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن كۆپىنچە ناھىيە تەسىس قىلغان. قەدىمىي شەھەر مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى شاھمات تاختىسى شەكىللىك ئەندىزىنى ساقلاپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان شىمالىي قوۋۇق راۋىقى، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى ۋېنشيەن راۋىقى بار. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، بىلىم يۇرتى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانماقتا. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېيباۋشەن تېغىدا كۆپلىگەن تويىن دىنى قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرى بار.