UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىشىئەن

شىئەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر شىئەن قەدىمكى نامى چاڭئەن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى شىئەنگە ئۆزگەرتىلگەن. شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، تاغ - دەريالار كۆپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي. غەربىي جۇ، چىن، غەربىي خەن، ئالدىنقى جاۋ، ئالدىنقى چىن، كېيىنكى چىن، غەربىي ۋېي، شىمالىي جۇ، سۇي، تاڭ قاتارلىق ئون سۇلالە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەردە پايتەخت قۇرغان، ۋاقتى جەمئىي1000 يىلدىن ئاشىدۇ. ئېلىمىز تارىخىدا پايتەخت قىلغان سۇلالىلەر ئەڭ كۆپ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان قەدىمىي پايتەخت. بولۇپمۇ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پايتەخت چاڭئەن ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «غەربتە رىم، شەرقتە چاڭئەن بار» دەپ تەرىپلەنگەن. مەشھۇر قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى چاڭئەندە. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان «شىئەن ۋەقەسى» دەل مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. شىئەننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدا نۇرغۇن قەدىمكى قۇرۇلۇش ۋە قىممەتلىك تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان. مەشھۇرلىرىدىن: بەنپۇ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى خارابىسى، غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ فېڭگاۋ خارابىسى، چىن سۇلالىسى ئافاڭگۇڭ قەسىرى خارابىسى، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭئەن شەھىرى، تاڭ سۇلالىسى دامىڭگۇڭ قەسىرى خارابىسى، دايەنتا مۇنارى، شياۋيەنتا مۇنارى، جاۋلىڭ قەبرىستانلىقى، چيەنلىڭ قەبرىستانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي شەھەر سېپىلى، جۇڭلۇ (قوڭغۇراق) راۋىقى، گۇلۇ (دۇمباق) راۋىقى، ئابىدە تاشلار، شۇنىڭدەك شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن كونا ئورۇن،8 - ئارمىيىنىڭ شىئەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىقلار بار.1974 - يىلى قېزىلغان چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسكەر - ئات ھەيكەللەرنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك بولۇپ، جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، دۇنيادىكى8 - مۆجىزە، دەپ ئاتالغان. شىئەندىكى ئابىدە تاشلاردا دەۋرلەردىن بۇيانقى خەتتاتلارنىڭ خەتلىرى ئويۇلغان ئابىدىلەر ساقلانغان بولۇپ، جۇڭگو خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
شىئەن | UyghurWiki | UyghurWiki