UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىسۇجۇ

سۇجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر سۇجۇ يەنە بىر ئىسمى گۇسۇ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا، تەيخۇ كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بىر سۇ شەھىرى بولۇپ، «شەرقتىكى ۋېنېتسىيە» دېگەن گۈزەل نامى بار. ئۇ خاڭجۇ بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىپ، «كۆكتە جەننەت بار، يەردە سۇجۇ بىلەن خاڭجۇ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەمىنىيە دەۋرىدە ۋۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇن ۋۇ بۇ يەرنى بىر مەزگىل پايتەخت قىلغان. سۇجۇ باغلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، بۇ يەرگە ئېلىمىزنىڭ باغ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرى مەركەزلەشكەن، ئېلىمىزنىڭ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ دەۋرلىرى ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر باغلاردىن ساڭلاڭ راۋىقى، شىزىلىڭ، چۇجېڭ باغچىسى، ليۇيۈەن باغچىسى، يىيۈەن باغچىسى قاتارلىقلار بار، ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. «جاھاندا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ باغلىرى تەڭداشسىز، سۇجۇنىڭ باغلىرى جەنۇبىي جۇڭگودا تەڭداشسىزدۇر» دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەشھۇر تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن خەنشەن ئىبادەتخانىسى، خۇچيۇشەن تېغى، لىنيەن تېغى، تەيپىڭ تېغى، تەيپىڭ تيەنگو جۇڭۋاڭ ھەرىمى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى