UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىلېشەن

لېشەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر لېشەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە شۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، شىمالىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جياجۇ دەپ ئاتالغان، كېيىن ۋىلايەت، ئايماق مەركىزى بولغان. شەھەر تاغ ۋە دەرياغا يانداش بولۇپ، توسما بىرلەشتۈرۈپ سېلىنغان، شەھەرنىڭ دەرياغا يانداشقان قىسمى ھازىرمۇ بار بولۇپ، بەش سېپىل قوۋۇقى بار. سەنگۇيدىكى جيۇدىڭشەن تېغىدا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى شەھەر ئورنى ۋە زەمبىرەك سۇپىسى بار. لېشەندىكى چوڭ بۇت مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى، ۋۇيۇ ئىبادەتخانىسى، لۇڭخۇڭ ئىبادەتخانىسى ۋە تاڭتا مۇنارى، قىيا تاش ھەيكىلى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىيا قەبرىستانلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
لېشەن | UyghurWiki | UyghurWiki