UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجۇڭشياڭ

جۇڭشياڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جۇڭشياڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. قەدىمدە يىڭ دەپ ئاتالغان، يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن چۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ۋۇ بەگلىكى چېگرىنى قوغدايدىغان گازارمىنى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ، ئۇنى شىچېڭ (تاش شەھەر) دەپ ئاتىغان، غەربىي جىن سۇلالىسىدىن مىڭ سۇلالىسىغىچە ئايماق، ۋىلايەت، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. ھازىر تاش شەھەرنىڭ بىر قىسمى ساقلىنىپ قالغان. شەھەر ئىچىدە ۋېنفېڭ مۇنارى، يۈەنيۇ قەسىرى، ياڭچۈن راۋىقى ۋە بەيشۆ راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. مىڭشيەنلىڭ قەبرىستانلىقى پادىشاھ جياچىڭنىڭ ئاتا - ئانىسى بىللە دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىق بولۇپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى