UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجېڭجۇ

جېڭجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جېڭجۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. نۇرغۇن جايلىرىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت خارابىلىرى بار. جېڭجۇ سودا شەھىرى خارابىسى مۇكەممەل ساقلانغان، سېپىل، ئوردا ئورنى ۋە ھەر خىل قول ھۈنەر ئىشخانىلىرىنىڭ خارابىلىرى بار. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان پولات تاۋلاش ئورنىنىڭ خارابىسى، يەنە چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى، مەسچىت ۋە1923 - يىلىدىكى بېيجىڭ - خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان «7 - فېۋرال» خاتىرە مۇنارى، خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى