شۇشيەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
شۇشيەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، قەدىمكى نامى شۇچۈن، ئەمىنىيە دەۋرىدە سەي بەگلىكىگە سۇيۇرغال قىلىنغان، كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم ۋىلايەت، ئايماق بولغان. شەھەر سېپىلى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا بولغان، قوشۇمچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رولىمۇ بار. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدە رېمونت قىلىنغانلىقتىن، بۈگۈنگە قەدەر مۇكەممەل ساقلانماقتا. قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن باۋئەن ئىبادەتخانىسى، فەنگۇڭ (جۇڭيەن) ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. ئەتراپىدىن يېغىلىق دەۋرىدىكى نۇرغۇن قەبرىلەر تېپىلدى. شەھەر ئەتراپىدا باگۇڭشەن تېغى، فېيشۇي دەرياسى بار بولۇپ، بۇ مەشھۇر «فېيشۇي ئۇرۇشى» بولغان قەدىمكى جەڭ مەيدانى.