جىنەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جىنەن يېغىلىق دەۋرىدە شەھەر بىنا قىلىنغان، جىن سۇلالىسىدىن بۇيان ۋىلايەت، ئايماق، ناھىيە مەركىزى بولغان. شەھەر رايونىدا مەنزىرىسى گۈزەل دامىڭخۇ كۆلى ۋە باۋتۇچۇەن بۇلىقى، خېيخۇ (قارا يولۋاس) بۇلىقى، جېنجۇچۇەن (مەرۋايىت) بۇلىقى، ۋۇلۇڭتەن (بەش ئەجدىھا) كۆلى قاتارلىق تۆت چوڭ بۇلاق توپى بار، بۇلاق سۈيى كىچىك كوچىلار، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئۆزگىچە بۇلاقلىق شەھەر مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان. لۇڭشەن تېغىدىكى چېڭزىيا خارابىسى، شاۋتاڭشەندە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۇ جەمەتى ئىبادەتخانىسى، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت مۇنار، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لۇڭخۇ (ئەجدىھا يولۋاس) مۇنارى، جيۇدىڭ مۇنارى، لىنيەن ئىبادەتخانىسى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇت، چيەنفۇشەن، خۇاڭشى قىياسى قاتارلىق مەشھۇر قەدىمىي يادىكارلىقلار بار.