ياڭجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
ياڭجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قانال بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان. بەش دەۋر،10 پادىشاھلىق دەۋرىدە ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى شەرقىي پايتەخت قىلغان.1949 - يىلى ياڭجۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. قەدىمدىن تارتىپ خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدىكى تۇزچىلىق ئىشلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ، سودا راۋاجلانغان، ئاتاقلىق كىشىلەر جەم بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن جاي. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە بارغان مۆتىۋەر راھىب چيەنجېن ياڭجۇدىكى دامىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى ئىدى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسساملىق ساھەسىدە داڭق چىقارغان «ياڭجۇدىكى سەككىز غەلىتە زات» مۇ ياڭجۇدا پائالىيەت قىلغان. داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن: سۇي ياڭدى قەبرىستانلىقى، تاڭ شەھىرى خارابىسى، دامىڭ ئىبادەتخانىسى، جيەنجېن خاتىرە سارىيى، شەنخې ئىبادەتخانىسى، ئوۋياڭ شيۇ باشچىلىقىدا سېلىنغان پىڭشەنتاڭ زالى، شى كېفا قەبرىستانلىقى ھەمدە داڭلىق باغلاردىن سۇشىخۇ، خېيۈەن باغچىسى، گېيۈەن باغچىسى، شياۋپەنگۇ باغچىسى قاتارلىقلار بار