UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىئەنياڭ

ئەنياڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر ئەنياڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شاڭ (يىن) سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. چىن سۇلالىسى شەھەر قۇرغان، سۇي سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە ناھىيە، ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يىن سۇلالىسى خارابىسىدىن نۇرغۇن چىغىناق - تارغاق يېزىقى، برونزا بۇيۇملىرى چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق سىمۇۋۇ چاسا داڭقىنى بار. كونا شەھەر ئاساسەن ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان ھەمدە نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ھويلا - ئاراملىرى بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: ۋېنفېڭ مۇنارى، گاۋگې ئىبادەتخانىسى، شياۋبەي مۇنارى قاتارلىقلار بار، شەھەرنىڭ شىمالىدا يۈەن شىكەينىڭ قەبرىسى، شەھەرنىڭ غەربىدىكى شۇيجىجېن بازىرىدا جىنجۇچۇەن مەنزىرىلىك رايونى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى