يەنئەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
يەنئەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، يەنخې دەرياسى بىلەن نەنچۇەن دەرياسى بىرلەشكەن جايغا جايلاشقان. شەھەر رايونىدا باۋتاشەن تېغى، فېڭخۇاڭشەن تېغى، چىڭلياڭشەن تېغى قاتارلىق ئۈچ تاغ بار بولۇپ، بۇ تاغلار ئۇدۇل قارىشىپ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يەنخې دەرياسى شەھەرنى ئايلىنىپ ئېقىپ ئۆتىدۇ، يەنئەن ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي، سۇڭ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە تاڭغۇتلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىم جاي بولغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى فەن جۇڭيەن بۇ يەرنى ساقلىغان؛ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكى جاڭ شيەنجۇڭ، لى زىچېڭلار مۇشۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. يەنئەن يەنە ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى.1937 - يىلى يەنئەن شەھىرى تەسىس قىلىنىپ، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونىنىڭ مەركىزى بولغان.1937 −1947 - يىللىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ، نۇرغۇن ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار ۋە ئورۇنلارنى قالدۇرغان، ئاساسلىقلىرى: فېڭخۇاڭشەن، ۋاڭجياپىڭ، «7 - قۇرۇلتاي» نىڭ يىغىن مەيدانى، ياڭجيالىڭ، زاۋيۇەن قاتارلىقلار. يەنە شەھەرنىڭ جەنۇبىغا35 كىلومېتىر كېلىدىغان نەننىۋەن بار.