خاربىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
خاربىن خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇخەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بولغان.18 - ئەسىردە ھازىرقى شەھەر رايونىنىڭ ئورنىدا كەنت - مەھەللىلەر بار ئىدى. جىلې ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق بىرمۇنچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.1898 - يىلىدىن كېيىن روسىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئىشغال قىلىۋالغان. ھازىر شەھەر ئىچىدە ئەينى چاغدا سېلىنغان پراۋۇسلاۋىيە دىنى چېركاۋى، كاتولىك دىنى چېركاۋى قاتارلىق ياۋروپاچە قۇرۇلۇشلار ۋە مەركىزىي كوچىلار كۆپ.