جاۋچىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جاۋچىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. قەدىمكى نامى دۇەنجۇ، خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان، سۇي سۇلالىسى مەزگىلىدە دۇەنجۇ ۋىلايىتى بولۇپ تەسىس قىلىنغان، سۇڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ جاۋچىڭ دەپ ئاتالغان. شەھەر سېپىلى مۇكەممەل ساقلانغان، چۇڭشى مۇنارى، مېييەن توسمىسى، شىجياۋ راۋىقى، يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنىنىڭ كونا ئورنى، چىشىڭيەن قىيا تاش ئويمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇددا دىنى دىيانا مەزھىپى ئالتە پىرىنىڭ خارابىسى، شەرقىي مەسچىت، غەربىي مەسچىت قاتارلىقلار بار.