UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجياڭلىڭ

جياڭلىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جياڭلىڭ يەنى جېڭجۇ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. قەدىمدە با، شۇ دىيارلىرىنىڭ دەرۋازىسى ۋە شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ سۇ - قۇرۇقلۇق قاتنىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە چۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنىپ، يىڭ دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي پايتەخت قىلىنىپ، جياڭلىڭ مەھكىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بەش دەۋر دەۋرىدە نەنپىڭ دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. ھازىر جېڭجۇ ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن. جېڭجۇ تارىختىن بۇيان ھەربىي قوماندانلار تالىشىدىغان جاي بولۇپ، ئېلىمىز خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەردە «ليۇ بېينىڭ جېڭجۇدىن پايدىلىنىشى» ۋە گۇەن يۈنىڭ «بىخەستەلىك قىلىپ جېڭجۇنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى» توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: چۇ بەگلىكى جەنۇبىي قەدىمىي شەھەر، جېڭجۇ قەدىمىي شەھەر سېپىلى ۋە چۇ بەگلىكى بېگى جۇۋاڭ ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى بىلەن چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كەييۈەن بۇتخانىسى، يۈەنمياۋگۇەن بۇتخانىسى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەيخۇي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
جياڭلىڭ | UyghurWiki | UyghurWiki