UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىيىنچۇەن

يىنچۇەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر يىنچۇەن چىن سۇلالىسى دەۋرىدە بېيدى ۋىلايىتىگە قاراشلىق بولغان، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە لەشكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ بېيديەننۇڭ شەھىرىنى بەرپا قىلغان. قەدىمدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ يەرلەرنى سۇغارغانلىقتىن، «يۇقىرىدىكى جياڭنەن» دېگەن نامى بار. ھازىرقى يىنچۇەن كونا شەھىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان، يېڭى شەھەرنىڭ ئاساسىنى چىڭ سۇلالىسى قۇرغان مەنچىڭ (مانجۇلار شەھىرى)دىن ئىبارەت. غەربىي شيا سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىڭجۇ دەپ ئاتىلىپ، كېيىن شىڭئەن ئايمىقىغا ئۆزگەرتىلگەن،190 يىل ئايماق مەركىزى بولغان. ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: چېڭتيەن ئىبادەتخانىسى مۇنارى، بەيچىكۇ ئىبادەتخانىسى قوش مۇنارى، غەربىي شيا پادىشاھىنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. باشقا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەنە خەيباۋ مۇنارى، يۈيخۇاڭ شىپاڭى، گۇلۇ راۋىقى، نەنمېن راۋىقى، مەسچىت ۋە ئەرەپچە قۇرئان كەرىم، قەدىمكى دەۋر قىيا تاش رەسىملىرى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى