شۇيجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
شۇيجۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋ بۇ يەرنى پىڭزۇغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەچكە، داپىڭ بەگلىكى دەپ ئاتالغان، ئەمىنىيە دەۋرىدە پېڭچىڭ شەھىرى قىلىپ قۇرۇلۇپ، يېغىلىق دەۋرىدە سۇڭ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، شياڭ يۈمۇ بۇ يەردە پايتەخت قۇرغان، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە شۇيجۇ ئايمىقى بولغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋىلايەت بولغان. قەدىمدىن تارتىپ ھەربىي سەركەردىلەر تالىشىدىغان ھەربىي ئىشلار بويىچە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىماتەي خارابىسى، شىڭخۇا ئىبادەتخانىسى، داشى قىياسى، خۇەيخەي ئۇرۇشى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بار. يەنە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىرمۇنچە قەبرىستانلىقلار بار بولۇپ، ئۇلاردىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسىملىك تاشلار، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى، كۈمۈش بېزەكلىك كىيىم قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان، شۈيجۇغا قاراشلىق بېيجۇ ناھىيىسىدە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئويۇلغان ليۇ باڭنىڭ «بوران قوشىقى» دېگەن تاش ئابىدە بار. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا يۈنلۇڭ تېغى، يۈنلۇڭ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى بار.