كەيفېڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
كەيفېڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېغىلىق دەۋرىدىكى ۋېي بەگلىكى پايتەختىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، دالياڭ دەپ ئاتىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى225 - يىلى (چىن شىخۇاڭنىڭ22 - يىلى) ۋاڭ بېن ۋېي بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، خۇاڭخې ۋە داگۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن دالياڭنى باستۇرۇپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، ۋېي بەگلىكىنى تەسلىم قىلدۇرغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ شەھەر ۋەيران بولغان. ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەردىن كېيىن، بولۇپمۇ سۇي سۇلالىسى جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى قازدۇرغاندىن باشلاپ كەيفېڭ ئوزۇق - تۈلۈك توشۇش مەركىزىگە ئايلىنىپ، ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار بويىچە مۇھىم بازارغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كېيىنكى لياۋ، جىن، خەن، جۇ ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىلىرى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، دۇڭجىڭ دەپ ئاتىغان. جىن سۇلالىسى پادىشاھى شۈەنزۇڭدىن كېيىن پايتەختنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەھەر نامىنى نەنجىڭغا ئۆزگەرتكەن. شۇڭا، كەيفېڭنىڭ «يەتتە سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختى» دېگەن نامى بار. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كەيفېڭ شەھىرىنىڭ ئايلانمىسى25 كىلومېتىر، ئاھالىسى1 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پايتەخت ھېسابلىناتتى، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر رەسسام جاڭ زىدۇەن «بيەنخې ۋادىسىنىڭ چوكانتال مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» ناملىق رەسىمىدە كەيفېڭ شەھىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: تيېتا مۇنارى، فەنتا مۇنارى، لۇڭتىڭ راۋىقى، يۈۋاڭ سۇپىسى، شياڭگو ئىبادەتخانىسى ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بيەنلياڭ (كەيفېڭ) شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار.