UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىكۇنمىڭ

كۇنمىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر كۇنمىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جېنچى ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، كىلىماتى نەم، تۆت پەسلى باھاردەك، «باھار شەھىرى» دېگەن نامى بار. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن. سەي ئې قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە «ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، يۈەن شىكەينىڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىشىغا قارشى تۇرغان؛ ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «1- دېكابىر» ھەرىكىتى ۋە لى سۇڭپۇ، ۋېن يىدولارنىڭ پاجىئەلىك دېلوسىمۇ مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. كۇنمىڭ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك ساياھەت شەھىرى، تاغ - دەريالىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيەت قىياپىتى ئۆزگىچە، مىللىي پۇراق قويۇق. مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن: جېنچى كۆلى، شىشەن تېغى، سۇيخۇ كۆلى، يۈەنتۇڭشەن تېغى، جىن قەسىرى، داگۇەن راۋىقى، خېيلۇڭ ساھىلى، ئەننىڭ ئارىشىڭى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى