جاڭيې
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جاڭيې گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، مەدەنلەرگە باي بولغاچقا، «ئالتۇن جاڭيې» دېگەن نامى بار. خەن ۋۇدىنىڭ يۇەندىڭ6 - يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى111 - يىلى) خېشىدا تۆت ۋىلايەت تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جاڭيې ئىزچىل غەربىي يۇرتقا، ياۋروپا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بارىدىغان «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن. ھازىر ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: دافۇ ئىبادەتخانىسى، مۇتا مۇنارى (ياغاچ مۇنار)، شىلەي ئىبادەتخانىسى، گۇلۇ راۋىقى، داتۇ مۇنارى، جېيسۈيگودىكى خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. دافۇ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇتنىڭ ئېگىزلىكى5 .34 مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بۇت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە يەنە مىڭ، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇقرالار تۇرالغۇلىرى كۆپ.