UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىچىڭداۋ

چىڭداۋ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر چىڭداۋ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە فۇشەن مۇداپىئە گازارمىسى تەسىس قىلىنغان. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن باش يامۇل تەسىس قىلىنغان.1897 - يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. ھازىر ئىلگىرىكى ياساۋۇل بېگى مەھكىمىسى، ساراي ۋە ئىلگىرىكى ساقچى ۋازارىتىنىڭ بىناسى قاتارلىق ياۋروپاچە، ياپونچە ئىمارەتلەر بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى