UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىلوياڭ

لوياڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر لوياڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى لوخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ تۈپەيلى بۇ نام قويۇلغان. شەرقىي جۇ، شەرقىي خەن، ساۋ - ۋېي، غەربىي جىن، شىمالىي ۋېي، سۇي، ۋۇ - جۇ، كېيىنكى لياۋ، كېيىنكى تاڭ قاتارلىق «توققۇز سۇلالىنىڭ پايتەختى» بولغان. لوياڭ يېغىلىق ۋە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا، مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، شەرقىي خەن، ۋېي، جىن، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، ھەتتا ئاسىيانىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يىشۇي، لوخې دەريالىرىنىڭ ئارىلىقى چەت ئەللىك مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولغان. لوياڭ شەھىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان. ئاساسلىقلىرىدىن: خەن، ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىن قالغان لوياڭ قەدىمىي شەھىرى، لۇڭمىن تاش غارى، بەيما ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. لۇڭمىن تاش غارى يىشۇي دەرياسىنىڭ ئىككى تىك قىرغىقىغا جايلاشقان، تىك قىيادىكى غارلاردا بىباھا سەنئەت ئەسەرلىرى ساقلانغان بولۇپ، ئۇ داتۇڭ شەھىرىدىكى يۈنگاڭ تاش غارى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان سەنئەت خەزىنىسىدۇر. بۇ يەردە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان غاردىن1352 سى، كىچىك بۇت تەكچىسىدىن750 ى، مۇناردىن39 ى بار. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى بەيما ئىبادەتخانىسى ئېلىمىزدىكى تۇنجى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنى بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى، ئۇنى دەسلەپتە شەرقىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى مىڭدى يۇڭپىڭنىڭ11 - يىلى (مىلادىيە68 - يىلى) سالدۇرغان. بۇلاردىن باشقا، غەربىي جۇ خان شەھىرى، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى قەدىمكى شەھىرى، بەي جۈييى قەبرىستانلىقى، گۇەنلىن باغچىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
لوياڭ | UyghurWiki | UyghurWiki