UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىچاۋجۇ

چاۋجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر چاۋجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان داڭلىق مۇھاجىرلار يۇرتى. قەدىمكى شەھەر سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان، ھازىر دۇڭمېن دەرۋازا راۋىقى ۋە سېپىلنىڭ بىر قىسمى مۇكەممەل ساقلانماقتا. شەھەر ئىچىدىكى نەنمېن رايونىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن تۇرالغۇ ۋە ئىبادەتخانىلار بولۇپ، چاۋجۇ بىناكارلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان. شەھەر رايونىدا كەييۇەن ئىبادەتخانىسى، خۇلۇشەن قىيا تاش ئويمىلىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فارفور خۇمدىنى خارابىسى، فېڭخۇاڭ (سۇمۇرغ) مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، خەنۋېنگۇڭ ئىبادەتخانىسى، خەنبى راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. شەھەر رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ساڭفۇشەن تېغىنى مەركەز قىلغان مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر رايونى بار. ئەنئەنىۋى چاۋجۇ مۇزىكىسى، تىياتىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ تەيۋەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تەسىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
چاۋجۇ | UyghurWiki | UyghurWiki