پىڭياۋ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
پىڭياۋ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، بۇ شەھەر دەسلەپتە جۇشۇەنۋاڭ زامانىسىدا قۇرۇلغان. ھازىر مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان شەھەر مىڭ سۇلالىسى خۇڭۋۇنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قايتا رېمونت قىلىنغان بولۇپ، سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى12 مېتىر ئەتراپىدا، ئايلانمىسى4 .6 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى كوچا، دۇكان، يامۇل قاتارلىقلار بىرقەدەر مۇكەممەل ھالدا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى ۋە قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان؛ يول ياقىسىدىكى راۋاق شەكىللىك بىنالار، چاسا شەكىللىك ھويلا قاتارلىقلار ئۆزگىچىلىككە ئىگە. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى جېنگو ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋەنفۇ سارىيى ۋە ساراي ئىچىدىكى ھەيكەللەر بەش دەۋردىن قالغان مىراسلار بولۇپ، ھەيكەل ۋە تام رەسىملىرى ئىنتايىن نەپىس. شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى شۇاڭلىن ئىبادەتخانىسى ئۆلچەملىك سېلىنغان بولۇپ، ئىبادەتخانا ئىچىدىكى رەڭلىك ھەيكەللەرمۇ ئىنتايىن يۇقىرى سەنئەت قىممىتىگە ئىگە.