مېيجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
مېيجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. جەنۇبىي چى سۇلالىسىنىڭ جۇڭشىڭيۈەن يىللىرىدا چېڭشاڭ ناھىيىسى بولۇپ تەسىس قىلىنغان، سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە مېيجۇ ۋىلايىتى تەسىس قىلىپ، ۋىلايەت مەركىزى قىلىنغان. چۈەنفو مۇنارى، لىنگۇاڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. تارىختا كېجيالار (تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن جەنۇبقا كۆچكەن ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ) ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، ئاھالىلەرنىڭ ۋېيلۇڭ ئۆيى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە باي.