لىجياڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
لىجياڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناشى مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. يېغىلىق دەۋرىدە چىن بەگلىكىنىڭ شۇ ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ناشى مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى − چياڭلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەھەر بىنا قىلىنغان، يۈەن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە ناشى مىللىتىنىڭ تۇسى مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي، كېيىن لىجياڭ ئايماق مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. كونا شەھەر رايونى يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب ۋە قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: مۇشى تۇسى مەھكىمىسى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان ۋۇفېڭ راۋىقى، ناشى مىللىتىنىڭ قەدىمكى زامان تام رەسىملىرى ساقلانغان شۇلى سارىيى، يۈيفېڭ ئىبادەتخانىسى، پۇجى ئىبادەتخانىسى، يەنە ناشىلارنىڭ قەدىمكى ئوبرازلىق يېزىقى بىلەن پۈتكەن «دۇڭبا كالامى»، ناشى قەدىمىي چالغۇلىرى قاتارلىقلار بار. شەھەرنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يۈلۇڭشەن تېغى، «چاڭجياڭ دەرياسىدىكى بىرىنچى قولتۇق»، خۇتياۋ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.