دالى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
دالى يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى ساڭشەن تېغىغا، شەرق تەرىپى ئېرخەي كۆلىگە تۇتىشىدۇ. دالى تارىخى ئۇزاق، مەنزىرىسى گۈزەل قەدىمىي شەھەر، نەنجاۋ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دالى بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. دالى ئىككى خەن سۇلالىسىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا قىلىشىدىكى مۇھىم دەرۋازا بولۇپ كەلگەن. ئاساسلىق مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن: نەنجاۋ تەيخې شەھىرى خارابىسى، چۇڭشېن ئىبادەتخانىسىدىكى ئۈچ مۇنار، شىجۇڭشەن تېغىدىكى ئۈچ غار بار، بۇلاردىن باشقا يەنە نەنجاۋ دېخۇا ئابىدىسى، يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلاينىڭ يۈننەننى تىنچلاندۇرۇش ئابىدىسى، خۇديېچۇەن (كېپىنەك) بۇلىقى قاتارلىقلار بار.