نىڭبو
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
نىڭبو جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان،7000 يىللار ئىلگىرىلا خېمۇدۇ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتى خېلى تەرەققىي قىلغان، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ماۋشيەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ئايماق، ۋىلايەت ھەمدە مۇھىم پورت بولغان، يېقىنقى زاماندىكى »بەش سودا ئېغىزى«نىڭ بىرى بولغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: باۋگو ئىبادەتخانىسى، تيەنتۇڭ ئىبادەتخانىسى، ئاشوكا ئىبادەتخانىسى، تيەنفېڭ مۇنارى، ئېلىمىزدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى خۇسۇسىي كۇتۇپخانا − تيەنيى راۋىقى، يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كاتتا قورۇ - جاي، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى پۇقرالار ھويلا - ئاراملىرى قاتارلىقلار بار. نىڭبو ئېلىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن كۆك كاھىش پىشۇرۇلغان جاي، قەدىمكى زاماندا كېمىسازلىق ۋە تاشقى سودىسى راۋاجلانغان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئاپپاراتى مۇكەممەل بولۇپ، ھازىرمۇ خارابىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.