دۇجياڭيەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
دۇجياڭيەن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە لى بىڭ دۇجياڭيەن توسمىسىنى قۇرغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەھەرنىڭ شىمالىغا يۇيلىگۇەن قوۋۇقى ياسالغان، جىن سۇلالىسى مەزگىلىدە گۇەنكۇ تەسىس قىلىنغان، بەش دەۋردىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە گۇەنجۇ دەپ ئاتالغان، مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن گۇەنشيەن دەپ ئاتالغان. بەش دەۋر مەزگىلىدە سېلىنغان كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، شۇنىڭدەك كۇيگۇاڭ مۇنارى، چېڭخۇاڭمياۋ بۇتخانىسى ۋە بىرمۇنچە ئەنئەنىۋى پۇقرالار ھويلا - ئاراملىرى بار. دۇجياڭيەن توسمىسى جۇڭگو قەدىمكى زاماندىكى چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ تا ھازىرغىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولۇپ، بۇ يەردە لى بىڭ ئاتا - بالىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان ئېرۋاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى ۋە فۇلۇڭ راۋىقى بار.