UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىزىگۇڭ

زىگۇڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر زىگۇڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان،2000 يىلدىن ئارتۇق قۇدۇق تۇزى ئىشلەپچىقىرىش تارىخىغا ئىگە مەشھۇر «تۇز شەھىرى»، ھازىر جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر زامانىدىكى داگۇڭ قۇدۇقىنىڭ خارابىسى بار، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەزى تۇز قۇدۇقلىرىدا ھازىرمۇ تۇز ئىشلەپچىقىرىلماقتا. زىگۇڭنىڭ يەنە «دىنوزاۋر يۇرتى» دېگەن نامىمۇ بار. داشەنپۇدا نۇرغۇن دىنوزاۋر تاش قاتمىسى تېپىلغان، ئۇ يەردە دىنوزاۋر مۇزېيى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەربىي چىن كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسى، ۋاڭيېمياۋ بۇتخانىسى، خۇەنخۇ سارىيى، جېننەن مۇنارى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى