UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىزۇچېڭ

زۇچېڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر زۇچېڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مېڭزىنىڭ يۇرتى. زۇشەن ناھىيىسى چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە قۇرۇلغان. شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرىدا ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. مېڭزى ئىبادەتخانىسى، مېڭزى قەسرى ۋە تيېشەن، گاڭشەن تاغلىرىدىكى قىيا تاش ئويمىلىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. قەدىمىي قۇرۇلۇشلاردىن جۇڭشىڭ مۇنارى، ئەنئەنىۋى كوچىلاردىن ياشېنمياۋ كوچىسى ۋە يېديەن خارابىسى، جۇگو قەدىمىي شەھىرى، مېڭزى قەبرىستانلىقى، گېشەن قىيا تاش ئويمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى