شاڭچيۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
شاڭچيۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا، پادىشاھ شۇن شاڭ بەگلىكىگە بۆلۈپ بەرگەن، كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ يەردە شاڭ دۆلىتىنى قۇرغان. شىمالىي ۋېي، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە قىسقا ۋاقىت پايتەخت قىلىنغان، چىن سۇلالىسى سۇيياڭ ناھىيىسىنى قۇرغان. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. ھازىرقى شەھەر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان، گۇيدېفۇ دەپ ئاتىلىدۇ، شەھەرنىڭ ئىچى چاسا، تېشى يۇمىلاق، شەھەر سېپىلى ۋە شەھەر خەندىكى، تۇغىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، شەھەر ئىچىدە شاھمات تاختىسى شەكلىدىكى يوللار، چاسا قورۇلار ئاساسەن ئەنئەنىۋى شەكىل ۋە ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: يۈبەي راۋىقى، سەنلىڭ راۋىقى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، جۇاڭمېيتاڭ، چىڭلياڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار، يەنە لياڭيۇەن، ۋېنياتەي قاتارلىق خارابىلىكلەر بار.