UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىچېڭدې

چېڭدې

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر چېڭدې خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا، لۇەنخې دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋۇليې دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان داڭلىق ئارامگاھ. چىڭ سۇلالىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، چېگرىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم شىمالغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، بۇ يەردە تاغلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ھاۋاسىنىڭ يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،1703 - يىلى (كاڭشىنىڭ42 - يىلى)دىن تارتىپ بۇ جايدا يازلىق ئارامگاھ سالدۇرۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئارامگاھنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ بىرمۇنچە لاما ئىبادەتخانىسىنى («تاشقى سەككىز بۇتخانا» دەپ ئاتالغان) سالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، قەسىرلەر ۋە ئىبادەتخانا مۇنارلىرى قەد كۆتۈرگەن. پادىشاھ ھەر يىلى يازدا بۇ يەرگە كېلىپ يازنى ئۆتكۈزگەن، ئوردا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، ھەر يەر - ھەر يەرلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغان، شۇنداق قىلىپ بۇ يەر چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى سىياسىي مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى داڭلىق باغ - بوستان مەركەزلەشكەن جايغا ئايلانغان، تا ھازىرغىچە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ساقلانماقتا. مەشھۇرلىرىدىن: يازلىق ئارامگاھ بىلەن تاشقى سەككىز بۇتخانا ئىچىدىن پۇنىڭ بۇتخانىسى، پۇلې بۇتخانىسى، پۇتو بۈزرۈكۋارلار بۇتخانىسى، شۈمى ئۆمۈر تىلەش بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلى، ئەنيۈەن بۇتخانىسى، بورېن بۇتخانىسى، شۇشياڭ بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى