خۇخخوت
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
خۇخخوت موڭغۇلچە كۆك رەڭلىك شەھەر دېگەن مەنىدە، قەدىمدىن بۇيان شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئالاقە قىلىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن. ھازىرقى كونا شەھەرنى مىڭ سۇلالىسى قۇرغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇنىڭ شەرقىي شىمالىغا يېڭى شەھەر سېلىنغان. خۇخخوتتا نۇرغۇن لاما ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، مەشھۇرلىرى داجاۋ، شىلى تۇجاۋ، ۋۇسۇ تۇجاۋ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە جىنگاڭ مۇنارى، مۇسۇلمانلار چوڭ مەسچىتى، جياڭجۈن يامۇلىنىڭ كونا ئورنى، جاۋجۈن قەبرىسى، ۋەنبۇ خۇايەنجىڭ مۇنارى، چىڭ مەلىكىسىنىڭ قەسىرى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.