نەنچاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
نەنچاڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي. قەدىمدىن «ئۈچ دەريا، بەش كۆل بىلەن تۇتىشىدىغان جاي» دېگەن نامى بار. خەن سۇلالىسى بۇ يەردە يۆجاڭ ۋىلايىتىنى، سۇي سۇلالىسى خۇڭجۇ ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان؛ تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋردىن تارتىپ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە ئىزچىل تۈردە تارىخىي داڭلىق شەھەر بولۇپ كەلگەن.1927 - يىل8 - ئاينىڭ1 - كۈنى جۇ ئېنلەي، جۇ دې، خې لۇڭ قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە نەنچاڭ قوزغىلىڭىنى تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈرەش ۋە خەلق ئارمىيىسى قۇرۇشنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ياراتقان. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئىنقىلابىي خارابىلەر ۋە مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭى قوماندانلىق باش شتابىنىڭ كونا ئورنى ۋە خاتىرە سارىيى، خاتىرە مۇنارى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربان فاڭ جىمىننىڭ قەبرىسى ۋە چىڭيۈنپۇ، بەيخۇاجۇ قاتارلىقلار بار. تېڭۋاڭ راۋىقى ۋۇخەندىكى خۇاڭخې (سېرىق تۇرنا) راۋىقى، خۇنەندىكى يۆياڭ راۋىقى بىلەن بىر قاتاردا جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ راۋاق دەپ ئاتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى يۇڭخۇينىڭ4 - يىلى (653 - يىلى) تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئۇكىسى «تېڭۋاڭ» لى يۈەنيىڭ خۇڭجۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغاندا سالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ۋاڭ بو «تېڭۋاڭ راۋىقىدىكى مۇقەددىمە» نى يازغانلىقتىن، نامى زاماندىن - زامانغا تارقىلىپ كەلگەن.