چۇەنجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چۇەنجۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، جىنجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.1087 - يىلى (شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يۈەنيۇنىڭ2 - يىلى) بۇ يەردە سودا كېمىلىرىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان؛ جەنۇبىي سۇڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇاڭجۇ بىلەن بىللە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تاشقى سودا پورتىنىڭ بىرى بولغان. ئۇ مەشھۇر مۇھاجىرلار يۇرتى، ئۇ يەردە قەدىمكى دەۋرلەردىكى تاشقى سودىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار ۋە ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان. نۇقتىلىق ئاسارئەتىقىلەردىن: چىڭجىڭ مەسچىتى، ئەنپىڭ كۆۋرۈكى (ۋۇلىچياۋ)، كەييۈەن ئىبادەتخانىسى بار. بۇلاردىن باشقا، لوياڭ كۆۋرۈكى، جيۇرېشەن تېغى قىيا تاش ئويمىسى، چىڭيۈەن تېغى قاتارلىقلار بار.