شياڭفەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
شياڭفەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە فەن بەگلىكىگە تەۋە بولغان، يېغىلىق دەۋرىدە چۇ بەگلىكىگە سۇيۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەن، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ئايماق بولۇپ تەسىس قىلىنغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شياڭياڭ سېپىلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ سېلىنغان، تاڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىگىچە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، ھازىر ئاساسەن ياخشى ساقلىنىۋاتىدۇ. فەنچېڭدا ئىككى سېپىل دەرۋازىسى ۋە سېپىلنىڭ بىر قىسمى ساقلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: دىڭچېڭ، لۇمېن ئىبادەتخانىسى، فۇرېنچېڭ، لۇڭجۇڭدىكى جۇگې لياڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى، دوباۋفۇ مۇنارى، لۈييىڭ تېمى، مىگۇڭ ئىبادەتخانىسى، دۇ فۇ قەبرىسى قاتارلىقلار بار.