دۇنخۇاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
دۇنخۇاڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، جۇ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى رۇڭلارنىڭ زېمىنى، چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە ياۋچىلار (توخرىلار) زېمىنى بولغان، خەن ۋۇدى ۋاقتىدا دۇنخۇاڭ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم بازار بولغان. سۇڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭجېڭ يىللىرىغىچە شاجۇ دەپ ئاتالغان، چيەنلۇڭ يىللىرىدا نامى دۇنخۇاڭ ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: موگاۋ غارى بار، بۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق سەنئەت خەزىنىسىدۇر، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يۆياچۇەن (ھىلال ئاي) بۇلىقىنىڭ «قۇملۇقتىكى بىرىنچى بۇلاق» دېگەن نامى بار. يەنە دۇنخۇاڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى ۋە بەيما (ئاق ئات) مۇنارى، قەدىمكى ياڭگۇەن قوۋۇقى خارابىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر خارابىسى، قاشقوۋۇق قاتارلىقلار بار. ناھىيە چېگرىسى ئىچىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى خارابىسى300 چاقىرىم كېلىدۇ، تۇردىن70 نەچچىسى بار، يەنە شۇچاڭ شەھىرى، خېساڭ شەھىرى قاتارلىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى بار.