لىنخەي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
لىنخەي جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن باشلاپ ناھىيە بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىنغان. ھازىرغىچە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان سېپىلنىڭ غەرب ۋە جەنۇب ئىككى تەرىپىدە تۆت سېپىل قوۋۇقى ساقلىنىپ قالغان. يۇەن سۇلالىسى مەزگىلىدە ياسالغان راۋاق شەكلىدىكى بۇت مۇنارى بار. يەنە تەنلۈن، شۇجىگۇاڭلارنىڭ لىنخەيگە جايلىشىپ، پەتەك ئالۋاستىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياسالغان تۆھپە تېشى بار.